باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ 8-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرىگە قاتناشتى

2016.06.13 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرى 12-ئىيۇن شيامېندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئالدى بىلەن مۇنبەرگە قاتناشقان ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك يۇرتداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى-1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى قارشى ھەم توسۇش. بۇ سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرغاندا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ يول ئالالايدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا، ئىككى قىرغاق ئاممىسىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ئىككى قىرغاق ئاممىسىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا، ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ داۋاملىق تېرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ دېدى.

  يۈ جېڭشېڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، چىن كۆڭلىدىن ئۆزىنى ئاتىشىغا توغرا كېلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسەت، فاڭجېنىمىز ئېنىق، ئىزچىل. بىز 1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. بىز سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىزمەت، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ھەم بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى پائال قوللايمىز. بىز تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئوتتۇرىغا قويغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سەپىرىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىش تەكلىپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىمىز.

  يۈ جېڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، مۇنبەرگە قاتناشقان ئىككى قىرغاقنىڭ بىر قىسىم ئەزىز مېھمانلىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. لىن ۋېنيى، گۇ شيۇليەن قاتارلىقلار بىللە كۆرۈشتى ھەم مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر