باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ «ئىككى قىرغاق تەڭ ئىگىلىك تىكلەش، كەلگۈسىدىن بەھرىلىنىش» پائالىيىتىگە قاتناشتى

2016.06.13 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شيامېننىڭ خەيساڭغا بېرىپ، «ئىككى قىرغاق خۇشال ئىگىلىك تىكلەش، كەلگۈسىدىن تەڭ بەھرىلىنىش» تېمىسىدىكى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  يۈ جېڭشېڭ ئالدى بىلەن شيامېن خەيساڭ ئىگىلىك تىكلەش مەيدانىدىكى RQ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى، تەيۋەن ئىگىلىك تىكلەش سارىيى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەم ئەقلىي ماشىنا ئادەم ياساش بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىككى قىرغاق ياشلىرىنى بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىزمەت، تۇرمۇشىدا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ئالاھىدە قىيىنچىلىق ھەم مەسىلىلىرىنى تەتقىق ۋە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق، ئاساسى پۇختا، ئىرادىسى كۈچلۈك بولۇپ، يىراقنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى قىيىنچىلىقى ئاز ئەمەس، بىر قىسىم قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشى نورمال ئىش. كۆپچىلىك تېرىشسىلا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان، ئىلھام بېرىدىغان چوڭ مۇھىتتا، تەيۋەن ياشلىرى چوقۇم زور ئىشلارنى قىلىپ، مول ھاسىلاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پىراكتىكا ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم پىكىر ئالماشتۇردى. يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېغىر ۋەزىپىسى ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ زېممىسىدە. ئىككى قىرغاق ياشلىرىنى كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، روھىي ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ياخشى دوستلارغا ئايلاندۇرۇش-ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈ جېڭشېڭ ئىككى قىرغاقتىكى ياش دوستلارنىڭ ئارزۇسىنى بىرلىكتە قاناتلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر