باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

2016.05.31 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 30-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئاساسىي تەتقىقاتتىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ٪2.5كە يەتكۈزۈپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت پەن مەركىزى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئاساسىي قوشۇن رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي تەتقىقاتنى كەسىپلەشتۈرۈش قىيىن نۇقتىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. كارخانىنى ئاساس، بازارنى يېتەكچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم پەن-تەتقىقات تۈرى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىر ۋە كەلگۈسىگە مەنپەئەت قىلىدىغان يېڭى كەسىپ ساھەسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ماس يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاقە تورىغا تايىنىپ ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، كارخانا، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ماسلىشىشى، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ ماسلىشىشى، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماسلىشىشى، شۇنداقلا رايونلار ئارا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش، نەتىجىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىش ھەققىنى تەقسىم قىلىش جەھەتلەردە، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە پەن-تەتقىقاتتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى چۈشەپ قويماي، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىزدىنىشىگە كۆپرەك ۋاقىت بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان رىغبەتلەندۈرىدىغان تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاسىتىلىك خىراجەت بىلەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى پايدىغا ئۆزگەرتىپ ئورتاق بەھرىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھى، كارخانىچى روھى ۋە ھۈنەرۋەنلىك روھىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، «ئەڭ ئاۋۋالقى بىر كىلومېتىر» بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزگەرتىش يولىنى ئېچىش كېرەك. مالىيە جەھەتتىن پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، پەن-تەتقىقات پائالىيىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك، بىلىم، ئىختىساسلىقلار، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر