باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم بايانى» نەشىر قىلىندى

2016.05.30 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتابنى تەشكىللەپ نەشىر قىلدى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا قىلغان سۆزلىرى، تەستىقلىرى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا «<شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما>نى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ئۆگىنىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، قىسىملارغا ئۆگىنىش، قوللىنىش ھەققىدە تەلەپ قويدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۆزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى سىستېملىق ئۆگىنىش، مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، رۇسلىنىپ قوللىنىش جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، ئىشەنچنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئىرادىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىپ، ئىسلاھاتنى قوللاپ، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما»نى پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى، قىسىملارنىڭ ئىدىيە-سىياسىي تەربىيەسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىپ، پىلانلىق ھالدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەش؛ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ چۈشىنىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر، ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، نەزەرىيەنى جانلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ، كىشى قەلبى، مېڭىسىگە ئۈن-تىنسىز تەسىر قىلدۇرۇش؛ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆڭۈل بۆلگەن قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىزاھلاپ، گاڭگىراپ قالغان مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. ئارمىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ئۆزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر