باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.05.27 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-مايدىن 25-مايغىچە خېيلۇڭجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى يوقلاپ ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام − قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ ئاساسى، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئورتاق تىرىشىشى، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە تەلەپلەرگە ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00لەردە خېيشيازى ئارىلىنى ساقلاۋاتقان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون چېگرا مۇداپىئەسى مەلۇم تۇەنى 10-لىيەننىگە بېرىپ، ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلاپ كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بۇ قېتىمقى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ كۈن تەرتىپى ئىنتايىن زىچ بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ چېگرا مۇداپىئەسى 1-سېپىگە باردى.

  شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيىۋى قورالىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تۆتتە بار بولغان يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولۇشقا؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مەشىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلارچە جەڭ قىلىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشكە؛ ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ليەندۇينىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا؛ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسىم باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ بىخەتەر، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر