خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافغانىستان يېقىن قوشنىلاردىن بولۇپ، دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى ئۇزۇن. جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئافغانىستاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگو-ئافغانىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن چىقارغان بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئافغانىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق ۋە مۇھىم مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۈرىدۇ، ئافغانىستان بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادەمىيەت شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى