باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.05.13 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 12-ماي قاتارنىڭ دوخادا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2014-يىلى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەنىدىم. بۇ يىل 1-ئايدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش شتابىغا زىيارەتكە بېرىپ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بولغان قىزغىنلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم قارالما چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىپ، كەلگۈسى ئىككى يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىنىدۇ، بۇ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇنبەر مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو، ئەرەب ئەللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، «ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»پرىنسىپى بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر