باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.05.12 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىستېمال بويۇملىرى سانائىتىدە تۈرنى كۆپەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش،ئىسلاھاتقا تېخىمۇ قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەستىقلاشنى يەنىمۇ ئىخچاملاش، « چاڭجياڭ دېلىتىسىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى» ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىستېمال قىلىش ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياج. ئىستېمال بويۇملىرى سانائىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال قىلىشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كەسىپلەر تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بولۇپمۇ تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت سىياسەتنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ مېخانىزملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىللىق ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىستېمال بويۇملىرى سانائىتىدە تۈرنى كۆپەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، بازار ئىجازىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولمىغان تەستىقلاش، مۇندەرىجە ۋە نامۇۋاپىق ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىخەتەر، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى دېگەندەك شەرتنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجادىي لايىھەلەش، پەن-تېخنىكا تەركىبى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ ئىجادىي ۋە ئۈنۈملۈك تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تېخىمۇ مۇكەممەل ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىناۋەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك تىجارەت ئىدىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، مەۋقەنى ئاممىۋى ئىستېمال بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا قويۇپ، « سۈپەت ئىنقىلابىي» شۇنداقلا «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سەرخىل بويۇملار ياسىمىچىلىقى»غا يۈزلەندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كەڭ كۆلەملىك بازارغا ئېرىشىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىل رىقابەتلىشىشتەك تىجارەت مۇھىتى يارىتىپ، مەملىكەت ئىچى ئىستېمال بويۇملىرىنى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيالنى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقىچە بولغان ئومۇمىي جەرياننىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەھسۇلات ئىسپاتى ۋە 3-تەرەپ سۈپەت پرىيوم -تەكشۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاتىقى بار مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمىنى قەتئىي يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭخۇا كونا مەھسۇلاتلارغا ۋارسلىق قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، « ئىككى تاسادىپىي ۋە بىر ئاشكارىلاش»تىن ئىبارەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار قارا تىزىملىكى، جازالاش خاراكتېرلىك كۆپ سوممىلىق تۆلەم بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى تەسىس قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەشكە قاتتىق زەربە بېرىپ، ناچار پۇلنىڭ ياخشى پۇللارنى سىقىپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سۈپەتنى سىجىل ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ سۈپىتىگە بولغان ئىشەنچى ۋە كۇرۇسلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر