خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ماي خەلق سارىيىدا ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ماراكەش جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 58 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن جۇڭگو-ماراكەش مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئابىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەتلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ماراكەش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ماراكەشنىڭ دۆلەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، ماراكەشنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۈرىمەن. جۇڭگو-ماراكەش ئىقتىسادىنىڭ تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو، ماراكەشنىڭ سانائەتنى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى ماراكەشنىڭ چوڭ تىپلىق ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ فوسفات، بېلىقچىلىق، داۋالاش، سەھىيە، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلىرى ۋە ئېلېكترون، قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم بوشلۇقى، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ماراكەش ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بالدۇرراق ماراكەشتە يىلتىز تارتىشىنى، ماراكەش بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى