باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.05.10 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 9-ماي مەملىكەت بويىچە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ما كەي، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۇەن، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. گوۋۇيۈەن تارماقلىرى 3/1 تىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نىشان ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى. سالاھىيەت، سۈپەتنى بېكىتىش ئىشلىرى ٪44 كېمەيدى. نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ٪50-٪70 كېمەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشنىڭ ئوتتۇرىسى، ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى بويىچە جامائەت مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلدى. بۇلار كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپلا قالماستىن يەنە ئاممىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، بازارغا «ئورۇن» بوشاتتى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشنى كۈچەيتىپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر