باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ <ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2016.04.26 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئاپرېل 668-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  «قارار» جەمئىي 24 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىكى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتىدە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەسىلە يېتەكچىلىكى، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 2-تۈردىكى ۋاكسىنىلارنىڭ سېتىش يولى، سوغۇق ساقلاش، يۆتكەش قاتارلىق ئوبوروت ھالقىسىدىكى قانۇن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ۋاكسىنىنى پۈتۈن جەرياندا سۈرۈشتۈرۈش قانۇن تۈزۈمى ئورنىتىپ، جازالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، دۆلەت ئىچى-سىرتى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە تېز جاۋاب قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى.

  «قارار»دا 2-تۈردىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئوبوروت ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ، ۋاكسىنا توپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋاكسىنا سېتىش ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋاكسىنا سېتىشنى ئۆلكە دەرىجىلىك جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، 2-تۈردىكى ۋاكسىنىلارنى ئۆلكە دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇپىدا مەركەزلىك سېتىۋېلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ۋاكسىنا سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرى، ۋاكسىنا ئەملىگۈچى ئورۇنلار سېتىۋېلىش، ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىقلارنى ھەقىقىي، تولۇق خاتىرىلەپ، تالون، ھېسابات، مال، پۇلنىڭ بىردەك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر