- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مۇراسىمغا قاتناشتى
2016.01.19 13:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا 18-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يىغىننىڭ روھىنى تىرىشىپ ياخشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆپچىلىكنى بىر يەرگە يىغىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشتا ئاساسلىقى مۇشۇ نەزەرگە ئېلىنغان. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، جۈملىدىن يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى دەل يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكىدۇر. بۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي ھالىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە، ئىش تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ ئەلا، قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇقەررەر جەريان. مۇنداق كەڭ كۆلەملىك ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېلىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا يېڭى زور خىرىس. ئېلىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ياخشى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەش، يېڭى نورمال ھالەتنى يېتەكلەشنى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشتىكى زور مەنتىقە قىلىش كېرەك. ئۇزاق تارىخىي جەرياندىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېڭى نورمال ھالەت، يېڭى ئەندىزە، يېڭى باسقۇچ ھەر دائىم ئۈزلۈكسىز شەكىللەنمەكتە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى دەل مۇشۇ ئۇزاق جەرياننىڭ بىر باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ سپىراللىق ئىلگىرىلەش ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر