- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
2016.01.19 09:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
19-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ 13-بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلىدىغان يىلىدا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇقەددىمىنىڭ باشلىنىشى، شۇنداقلا غەربى ئاسىيا شىمالىي ئافرىقىدا داۋالغۇش بولغان بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ رايوندا زىيارەتتە بولۇشى.
ئوتتۇرا شەرق ئۈچ قىتئە بەش ئوكيان تۇتۇشىدىغان رايون دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەتراپى، خەلقئارا دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق رايون. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، تەرەققىياتنىڭ تۈرتكۈچى، مەدەنىيەت سۆزلىشىشىنىڭ ھەمكارلىقى شېرىكلىكى، رەئىس شۇ جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرققە قىلغان سەپىرى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە ئىران جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، ياخشى قېرىندىشى، ياخشى شېرىكى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋۇ بىڭبىڭ مۇنداق دېدى: دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھتاج، رەئىس شۇ جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى دەل ۋاقتىدا بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شۇ جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى پىلانلايدۇ، ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە، پەن تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى خۇا لىمىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە ئىقتىساد سودا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مۇھىم مەزمونى دەپ قارىدى.
ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئۈچ دۆلەت نەزىرىنى ئىختىيارسىز شەرققە قارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، غەربكە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى قېلىپ شەكىللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.
2014-يىلى جۇڭگو ئەرەب ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرققە قىلغان سەپىرىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپلىك ئالاقىدىكى ئەڭ يۇقىرى سۇپىدا، پۈتۈن رايونغا يۈزلىنىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتنى ئوتتۇرا شەرقتىن باشلىدى. بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ھەمدە جۇڭگونىڭ غەربى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
18-قۇرۇلتايدىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭ بەش قىتئەدە زىيارەتتە بولدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرققە قىلغان زىيارىتى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان دىپلوماتىيە قېلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا توغرا كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىلغان سىياسىي ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنيانىڭ ئومۇمىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىشىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ساھەدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قىلغان سەپىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشىنى كۈتمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر