باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2016–يىل 1–ئاينىڭ 14–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2016.01.15 11:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 124 كىشى قاتناشتى، 226 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا 2015 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2016 – يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى يۈكلىگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلايلى›› تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: ‹‹سۆز››دە دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹سۆز››دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزمنى ئورنىتىشقا كۈچىدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتتى، خەلق بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹پولات تاۋلاش ئۈچۈن پولاتتەك كۈچلۈك ئىرادە بولۇش كېرەك››. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ھەربىي بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋەدىنامىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش نىشانى ئۆزگەرمىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىرادىسىگە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئاكتىپ كۈچكە ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچتە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە باشقۇرۇش، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، خەلق كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنىڭ پەيدا بولۇپ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تۆۋەن سىزىقنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇشنى كەڭ بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇشتىن تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملىك ئۇسۇللار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىشنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك قورالى قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرىنچى قول مەسئۇلنىڭ نازارەت قىلىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىدىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2015 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، چوڭقۇر بۇرچ، كۈلپەت ئېڭى بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادە – پەزىلەتتە قەيسەر، رەھبەرلىكتە كۈچلۈك بولدى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى باشقۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كادىرلار، ئامما مەركىزىي كومىتېتنى كۈچلۈك قوللىدى، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال قاتناشتى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇ يۇڭكاڭ، لىڭ جىخۇانىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئېغىر سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىشى، گۇرۇھۋازلىق، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش، تەشكىلگە قارشى چىقىش، تەشكىلنى ئالداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. پارتىيەنى قائىدە بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈش نىزامى، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يولغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى تۈزۈم قورالى بىلەن تەمىنلىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى، مۇھىم نۇقتا، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، كەيىپ – ساپاغا، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىسمىنى ئاتاش، ئاشكارا ئېلان قىلىشنى دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇردى. سۇبيېكت مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بۇ ‹‹تۇتقا››نى چىڭ تۇتۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى بالدۇر، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ھە دېسىلا ئەيىبلەپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈردى. مەخسۇس كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاپ، تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇرلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاكالىتەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 47 نى تەسىس قىلىپ، مەركەزدىكى 1 – دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ۋاكالىتەن تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. چىرىكلىشىشنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى چەكلەش نىشانىنى چۆرىدەپ، ‹‹دەرەخ›› بىلەن ‹‹ئورمان››نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسەتنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەتنى كۈچەيتتى. خەلقئارادا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سەمىمىي – سادىق، پاك، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇپ چىقتى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئومۇمىي يىغىندا خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىنىپ، تەمكىن، سەگەك بولۇش، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىش تەلەپ قىلىندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەچ تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھېس قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

  بىرىنچى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش ۋە قائىدە بويىچە باشقۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ ھەرىكەت ئۆلچىمى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىش، مۇھىمى ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئىشەنچ، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى – پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ‹‹قەلب ئىلمى››، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا جەزمەن يۇقىرى ئۆلچەمنى ئالدىغا، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەم ئەخلاقنىڭ تەسىرلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم ئىنتىزامنىڭ چەكلەش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى يۇقىرى ئۆلچەمدە تىرىشىپ، چىن قەلبىدىن ھېيىقىپ ۋە ھەزەر ئەيلىگەندىلا، ئىنتىزامنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

  ئىككىنچى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش – پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئەمما ھەممىسى ئەمەس؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى – پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئەمما ھەممىسى ئەمەس. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا پۈتۈن پارتىيەگە، پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبەرلىك يادروسىلىق ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە ئىنتىزامى دۆلەت قانۇنىدىنمۇ قاتتىق بولۇشتا، ئىنتىزامنى جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى، ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان تۆۋەن چەك قىلىش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شەرتى ئاساسىدا، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا تايىنىپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىنتىزامنى ئۆلچەم قىلىپ، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىنى بايقىغان ھامان، ئۇنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى›› گە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ‹‹ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش›› كە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئىنتىزامغا ئاساسەن نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق تۇرغۇزۇپ، چىڭىتىپ، دەل جايىدا ئىجرا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىستىل ئۆزگەرتىشتە جەزمەن بۇ فاڭجېننى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى نازارەت قىلىشقا تەتبىقلاش كېرەك: يەنى قۇلىقىغا پىچىرلاش، يېڭىنى تارتىش، يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىشنى دائىملىق ئىشقا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازالىنىدىغانلار، تەشكىل تەڭشەيدىغانلار كۆپ سانلىق بولۇش، قاتتىق جازالىنىدىغانلار، ۋەزىپىسى تەڭشىلىدىغانلار ئاز سانلىق بولۇش، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش – ئاسراش ئۈچۈن، كېسەل داۋالاش – ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈندۇر. ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش سالمىقى تېخىمۇ زور، شۇڭا ئىدىيەۋى، سىياسىي سەۋىيەنى ۋە سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنى جازالاش، كۆپ ساندىكىلەرنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت سىياسىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىكىگە بولغان ھۆكۈمى ئۆزگەرمىدى، بايرىقى، مەيدانىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، بىزنىڭ نىشان، ۋەزىپىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدىن پايدىلىنىپ، رېئاللىققا يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخ، پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىشەنچكە تىرەك بولۇپ، قەدەمنى ئۆزگەرتمەي، بوران چىقارماي، ھەرىكەت قوزغىماي، قەتئىي ئىرادە ۋە تىز پۈكمەس جاسارەت بىلەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى ئۆز خىزمىتى بىلەن باغلاپ، 5 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 2016 – يىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەھكەم سىياسىي كۈچنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قائىدە بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بېرىلگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن – قائىدە، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام پارتىيە ئىنتىزامىدا مەڭگۈ 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ. سىياسىي ئىنتىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى نىزامىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ھوشيارلىق بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قىلىشىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ھەم ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى 1 – دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر. نەچچە مىڭ قېتىملاپ سەپەرۋەرلىك قىلىشتىن بىر قېتىم مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەلا. پارتىيە ئىچىدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەۋەتىش››نىڭ نوپۇزى ۋە ‹‹تۇرۇش››نىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەۋەتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق قاپلاش نىشانىغا ئاتلىنىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا بولغان كۆزىتىشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مەزمۇننى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىلدا جەزمەن ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆلچەم قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، ھەرىكەتچان، جانلىق بولۇپ، دەل جايىدا بايقاپ، نۇقتىلىق بۆسۈش كېرەك. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر نۆۋەتلىك كۆزىتىش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، تۈزىتىش تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدە مەسىلىلەر ئاشكارا بولۇشى، ئاجىز نۇقتىلار ئېنىق كۆرسىتىلىشى؛ كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كەم – كۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، ھەر بىر ئىشنىڭ جاۋابى، ھەر بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى تاپشۇرىدىغان مەسىلىلەرنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى يەرلىككىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىللىق بايرام، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىغا دىققەت قىلىش، نۇقتىمۇ نۇقتا چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىش، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››غا دىققەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قول ئۈزمىگەن، قىلمىشىنى توختاتمىغان، تەشكىلنىڭ نازارەتچىلىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا كىرىپ – چىققان، يوشۇرۇن سورۇن تەشكىللىگەنلەرنى بىردەك قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يىغىلىشقا قاتناشقانلارنى تېپىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرگۈزۈش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان ‹‹تۆت خاھىش››مەسىلىلىرىنىڭ يىپ ئۇچىغا قارىتا، چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، قەتئىي قويۇۋەتمەي، قانچە كەينىگە سۈرگەنسېرى ئىنتىزامنى شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئىچىدىكى نازارەت قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچلەرنى قوزغىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، سالماقنى يېنىكلەتمەي، رىتىمنى ئۆزگەرتمەي، چىرىكلىكنى چەكلەشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاش كېرەك. چىرىكلىك ئەھۋالىنىڭ ساقلىنىشىنى قەتئىي ئازايتىپ، چىرىكلىك ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق، چىرىكلىشىشكە پىتىنالمايدىغان قىلىۋېتىش كېرەك. جازالاش، تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۆزىنى تارتمىغان، نىيىتىدىن يانمىغان، مەسىلىسى ئېغىر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىرقى خىزمەت ئورنىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ يەنىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشمەكچى بولغان بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىغانلارنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ تۇتۇش كېرەك. ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋاقتىدا تۈرلەرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، ئادەتتىكى مەسىلىلەردە شەخسەن ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىپ ئەسكەرتىش، خەت – ئالاقە ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىلگە سادىق بولۇشقا، تەشكىلگە مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ئىشەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشتا پارتىيە ئىنتىزامى ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىپ، ئىنتىزام تىلى بىلەن سىياسىي سەۋىيە، ئىدىيەۋى سەۋىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. زورلۇق بىلەن ئىگىلەش، يېيىش، ئېلىش، قىسىش، سوراش، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى يالغان مەلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىش، ئېلىپ قېلىپ بۆلۈشۈۋېلىش، بۇزۇپ – چېچىش، ئىسراپ قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. دىققەتنى مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساس خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتكومغا ھەمكارلىشىپ كادىرلارنى تاللاش، كادىرلارنى ئىشلىتىش پاكلىق ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان كادىرلارنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە تاللاش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، دېلو ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشتەك قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ قىلىدىغاننى قىلمىغان، ياخشى يول تۇتمىغانلارنى تەنقىد بېرىپ تەربىيەلەش، تەشكىل تەڭشەش، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق، خەلق خاتىرجەم بولىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچقا داغ تەگكۈزمەي، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر