باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈردى

2016.01.07 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-يانۋاردىن 5-يانۋارغىچە سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

  تەييۈەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى-يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە بولۇش ۋە ئېھتىياجنىڭ قىسقىرىشى تەسىرىدە، پولات تۆمۈر كەسپىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلەشتى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جىددىي ۋەزىپە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە قەتئىي بەل باغلاش كېرەك، ھەم ۋاقىتلىق ھەل قىلىش، تۈپتىن تىزگىنلەش ھەم كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈرلىرىنى چەكلەش، ھەم ئەنئەنىۋى كەسىپ قارىشىدا بۇرۇلۇش ياساپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت قاتارلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ سەنشى كۆمۈر ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ ھۆكۈمەت كانىدا مۇنداق دېدى: كۆمۈرچىلىك-سەنشىنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپى، ئېلىمىزنىڭ سانائەت سىستېمىسىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. نۆۋەتتە كۆمۈر كەسپى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش، باھا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا. كۆمۈر كان كارخانىلىرىدا خىزمەتچى خادىملار كۆپ، تارىخى يۈك ئېغىر، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئېشىندى خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەتمۇ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  چىڭخۇا پەن-تېخنىكا باغچىسى تەييۈەن شۆبىسىگە 200دىن ئارتۇق يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش كىچىك كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن. لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى ۋە بازاردا ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىڭخۇالىڭ شياۋ بىيگۇەن كەپىلىك رايونىنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 50-يىللىرىدا سېلىنغان ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر بولۇپ، بۇ يىل ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. لى كېچياڭ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكى، يەنە قانداق ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلدى.

  لى كېچياڭ سەنشىنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارشى ۋە ياخشى خىزمەت ھالىتى بىلەن،قېيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تېزلىتىش داۋامىدا كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر