- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
2016.01.07 14:40 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە شى جىنپىڭ 4-يانۋار چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭ گويۈەن پورتىدا نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)
سۈرەتتە شى جىنپىڭ 4-يانۋار چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭ شەھەرلىك «جىڭدۇڭفاڭ» فوتو ئېلېكتر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تەتقىقاتچىلارنى دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى )
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزە مۇجەسسەملەنگەن ھەم «13-بەش يىل»، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىياتتىكى كۈچەش نۇقتىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پارتىيەلىك يولداشلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ھۆرمەت قىلىپ، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوچۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ 4-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جېڭسەي ۋە شەھەر باشلىقى خۇاڭ چىفەننىڭ ھەمراھلىقىدا، پورت، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر