- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» تارقاتتى
«دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»تارقىتىلدى
2015.12.25 14:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
(بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشىنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باجنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەتنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىش، ئۇچۇرنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج ئېلىش تۈزۈلمىسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، باج ئېلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسلىق، تېرەكلىك، كاپالەتكە ئىگە قىلىش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.
(ئىككىنچى) ئىسلاھات نىشانى
2020-يىلغىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋى باج ئېلىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، باج ئېلىش-تاپشۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، باج قانۇنىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ رازىمەنلىكىنى كۈچەيتىپ، باجنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
(ئۈچىنچى) ئاساسىي پرىنسىپ
−− باج ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھاتنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، باج ئېلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
−−باج ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش. باج تاپشۇرغۇچىلارنى مەركەز قىلىپ، ئامما ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باجنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، باج تاپشۇرغۇچى ۋە ئاممىنى رازى قىلىش كېرەك.
−−ئىلمىي ئۈنۈملۈك بولۇش. باج ئېلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يېتەكچى قىلىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىگە تايىنىپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
−−ھەمكارلىشىپ تەڭ باشقۇرۇش. ياخشى بولغان باج ئېلىش خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باج ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە باجغا چېتىلىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، باج ئېلىشنى ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەمكارلىشىپ باج ئېلىپ، باجنى قوغدايدىغان، باج ئېلىشنى ھەر تەرەپ تەڭ باشقۇرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك.
−−تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش. يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇقىم يولغا قويۇش كېرەك.
ئىككىنچى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر
(بىرىنچى) باج ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىش
مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، يەرلىكنىڭ باج كىرىم سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باج، يەرلىك باج بىلەن باشقا تارماقلارنىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايرىپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ گىرەلىشىش ۋە تارماقلارنىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىلىرىنى زور كۈچى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر