باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

2015.12.17 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- دېكابىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىن بازىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىدىن قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف، قىرغىزىستان زۇڭلىسى سالىئىف، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدىۋدېف، تاجىكىستان زۇڭلىسى راسۇرزۇدا، ئۆزبېكىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئەزىمۇف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مىزىنسۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىنفىڭ بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا جىڭجۇدا ئاخىرلاشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۆزگىچە رول ئوينىدى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئىتتىپاقىلاشتۇرغاندىلا ئاندىن تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ تېزلىشەلەيدۇ، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرالايدۇ، تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ. بىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئەمەلى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى چوڭقۇر قېزىشىمىز كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلباغ قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەسپى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر بىرنى تولۇقلاش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئېشىش نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك . مۇھىم نۇقتا ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىك، ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلوق سودا قاتارلىق يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك . ئەل ئارا سودا ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى يۆلەپ، تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئالاقىسىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەل ئارا ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىشىمىز كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك مېخانىزمى مۇكەممەل، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئاساسى مۇختا، ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ. جۇڭگو، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنى ياخشى قۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشكە قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم مۇقىم ئامىلى، خەلقئارا ئىشلاردىكى بىر مۇھىم كۈچ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەزا دۆلەتلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد سودا، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ، قاتناش، سەھىيە ، مائارىپ، پەن تېخنىكا ، ئادىمىيەت، بىخەتەرلىك، تور ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك . شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ھەمدە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر