- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش تېمىلىق سۆز قىلدى
2015.12.17 16:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى 16-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭنىڭ ۋۇجىن بازىرىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش تېمىلىق سۆز قىلدى، ئىنتېرنېتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى ئىكەنلىكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، تور بوشلۇقى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇپ بىرلىكتە تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، تور دوختۇرخانىسى، ئەقىل پاراسەتلىك ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى ھالەتنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتېرنېت ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، قائىدىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. ھازىرقى تور بوشلۇقىنى تىزگىنلەش قائىدىسى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىدى؛ دۇنيا تەۋەسىدە شەخسى مەخپىيەتلىككە دەخلى تەرۇز قىلىدىغان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان، تور جىنايىتى قاتارلىقلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا، توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، تور ھۇجۇمى، تور تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار يەر شارىلىق ئاممىۋى زىيانغا ئايلاندى. بۇ مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، سۆزلىشىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېتنىڭ يەر شارى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئوچۇق يەر شارى ئىنتېرنېت تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.
بۇنىڭغا قارىتا، شى جىنپىڭ بەش نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، يەر شارى تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، رايون، كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر توسىقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىش، ئۇچۇر بايلىقىنى تولۇق تۇتاشتۇرۇش. ئىككىنچى، توردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىنى يارىتىپ، ئالماشتۇرۇشتا ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، تور ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇش. تۆتىنچى، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرتىپلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنى بىرلىكتە توسۇپ، توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە تۇر ھۇجۇمى، تور بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىلىرىغا قارشى تۇرۇش. بەشىنچى، ئىنتېرنېت تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادىل ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش.
پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۆسەيىن، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ، قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف، قىرغىزىستان زۇڭلىسى سالىيېف، تاجىكىستان زۇڭلىسى لاسۇرزودا، ئۆزبېكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئەزىموف، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاۋ خولىن، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شىۋاب ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋۇ خۇڭبو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىموننىڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايمىز. ئىنىتېرنېتنىڭ تەسىرى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە، سىپىرلىق ئىقتىساد يەر شارى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. ئىنتېرنېتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش- ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش، سىپىر توسىقىنى تۈگىتىش- ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس. ئىنتېرنېت ساھەسىنى يەر شارى بويىچە تىزگىنلەشتە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز-ئارا ئىشىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇزۇنغىچە، بىخەتەر بولغان تور تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشى كېرەك.
ليۇ يۈنشەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئېنىق يەر شارى ئىنتېرنېت تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قىلىش ئۈچۈن ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر