- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
2015.12.16 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە جېنجۇ شەھىرى شەرقىي يېڭى رايوننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەھەرلەشتۈرۈش جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياجى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تەرەققىياتىدا زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئايلىنىش ئىمكانىيىتى بار. بىز ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى يېتەكلەپ كېڭەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بازار پۇرسىتى ھازىرلايمىز. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىپ ئورتاق يېڭىشتەك يېڭى سەھىپە ئېچىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر