- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى
2015.12.15 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-دېكابىر «خەلق» سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز سۈرئەتلىك تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. جۇڭگو، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى جۇڭگونىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى يېقىن دوستى، ياخشى ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇقىدا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر