باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2015.12.07 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 5-دېكابىر ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن بىللە رىياسەتچىلىك قىلدى. 42 دۆلەتنىڭ باشلىقى بىلەن ھۆكۈمەت باشلىقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇمانى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا 52 ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ۋە «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى −− جوھاننېسبۇرگ ھەرىكەت پىلانى (2016-2018)»نى ماقۇللىدى ۋە خۇلاسە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ماندېلا ئەپەندى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى. ھەممە جەم بولۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى كېڭىشىۋاتقان پەيتتە، ماندېلا ئەپەندىنى ئەسلەيمىز. ماندېلا ئەپەندى ئۇلۇغ سىياسىئون شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، جۇڭگو خەلقى ماندېلا ئەپەندىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر