باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

يېشىل، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قالتىس بىر مەيدان تەنتەنىلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.11.25 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  يېشىل، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قالتىس بىر مەيدان تەنتەنىلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  جاڭ گاۋلى 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك ئائىلىسىگە بەرگەن ۋەدىمىز، شۇنداقلا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. يېشىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىتنى ئىدارە قىلىش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر تەييارلىق خىزمىتىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. پاك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خامچوتنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى كونترول قىلىپ، جەرياننى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قار-مۇزغا ئوخشاش پاكىز ئۆتكۈزۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قالتىس بىر مەيدان تەنتەنىلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر