- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
2015.11.16 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر تۈركىيە ئانتالىيەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر تۈركىيە ئانتالىيەدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە كەڭ ساھەلەر بويىچە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر تۈركۈم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر يىلدا ھەمكارلىقنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى نەتىجىلىرى ۋە ب د ت نى مەركەز قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ھازىرقى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ھەققانىي ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادتا بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، سودىدىكى يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، يىراق شەرقنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىز رۇسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد بىرلەشمىسىگە تۇتاشتۇرۇشتا ھەمكارلىقنى تېزلىتىشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر