باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يولىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى

2015.11.16 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى 15-نويابىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يولىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن يىغىنغا قاتنىشىدىغان باشقا رەھبەرلەر بىلەن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى، يىغىنغا ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئالدى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، پارىژدىكى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «تەڭ ھەرىكەتلىنىش، كەڭ قورساق بولۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت بولدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 20 دۆلەت گۇرۇھى ھازىرقى ئەھۋالدا ھادىسىدىن تۈزەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى كۆزلىشى ھەم ماھىيەتتىن تۈزەپ، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھازىرلىشى؛ بۇرۇنقى نەتىجىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەم يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى؛ دۆلەت ئىچىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى ھەم سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ۋە ھەرىكەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، دۇنياۋى ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش كېرەك. تۆتىنچىدىن، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىل، كەڭ قورساقلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەخمىنەن %7 ئەتراپىدا ئېشىپ، يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەندى. جۇڭگو كەلگۈسى بەش يىلدا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشتا؛ يەر شارى ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەشەببۇسىدا؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر