باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو-موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى

2015.11.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-نويابىر «خەلق» سارىيىدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ماقۇللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ھازىر، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو-موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇناسىپ بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويىدۇ. جۇڭگو موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، موڭغۇل خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو يېقىن، سەمىمىي، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ موڭغۇلىيە بىلەن كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بىز موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاشقى سىياسەتنىڭ باش فاڭجېنى قىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايمىز، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، ئادەم مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ. ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر