- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» بېسىپ تارقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى نۇقتىدا سىناشنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2015.11.10 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى نۇقتىدا سىناشنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويىشى، بۇ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«لايىھە» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى نۇقتىدا سىناشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي نىشانى-رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش تۈزۈمى ئورنىتىش يولىدا ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تەدرىجى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا پاكالەتلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە بوي سۇنۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈكنى تېجەپ، ئۇنىڭدىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى نۇقتىدا سىناش مەزگىلىدە، تەكشۈرۈپ تەھقىقلىنىدىغان ئوبيېكىتلار ئاساسلىقى يەرلىك ھەر دەىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى.
«لايىھە» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھبىرىي كادىرلارنى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى نۇقتىسا سىناشنى قانات يايدۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇھىم نۇقتىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قويۇش، خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جايلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئورنى، تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك ئىقتىدار ئالاھىدىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى مۇھم نۇقتىسىغا ئاساسەن، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش مەزمۇنى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشكىللىك يولغا قويۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشكە چېتىلىدىغان مۇھىم ھاسەلەر: يەر بايلىقى، سۇ بايلىقى، ئورمان بايلىقى ۋە كان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈپ تەھقىقلىنىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىردىكى تەبىئىي بايلىق، مال-مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەپ ۋە باھالاپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بەلگىلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر