باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ18-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى

ئىسلاھاتقا تايىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

2015.11.10 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 9 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تەرەققىيات بىلەن ئىسلاھات يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان بولۇپ، تەرەققىياتنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىسلاھاتنىمۇ ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يىرىك پىلان (2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»، «شەھەرلەرنىڭ قانۇن ئىجراسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «دۆلەت يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر