باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە ياش باشلامچىلار مۇنبىرىگە قاتناشتى

2015.11.03 16:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كورىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ جياۋئەن بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە ياش باشلامچىلار مۇنبىرىگە قاتناشتى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كورېيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ جياۋئەن بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە ياش باشلامچىلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ بىلەن خۇاڭ جياۋئەن مۇنبەرگە قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، ئارقىدىنلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلار ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو-كورېيە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلتۇر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچراشقاندا، جۇڭگو-كورېيە ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدى. 2011-يىلى مەن كورېيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەتتىكى ياش دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە چىلىغان كۆكتات قىلىپ، كورىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. مەن جۇڭگو-كورېيە دوستلۇقىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. جۇڭگو-كورېيە ياشلىرىنىڭ يېقىن دوستلۇقى تىل ۋە دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ، جۇڭگو-كورېيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسىدىكى غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئايلاندى.

  جۇڭگو-كورېيە ئىككى تەرەپ 2015-يىلىدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ھەر يىلى 100 نەپەر ياشنى ئۆزئارا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، جۇڭگو-كورېيە ياش باشلامچىلار مۇنبىرىنى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈشنى كېلىشكەنىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە ‹‹جۇڭگو-كورېيە ياشلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى جەۋلان قىلدۇرايلى!›› باش تېما قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر