باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 6-قېتىملىق جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

2015.11.02 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە، ياپونىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-قېتىملىق جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 1-نويابىر چۈشتىن كېيىن سېئولدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي ۋە ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا پاك گيۇنخاي رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە ھەمكارلىقىنى ئەسلەپ كەلگۈسىگە نەزەر سالدى، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قۇرۇقلۇق، دېڭىزدىكى قوشنا دۆلەت، شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيادىكى ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىپ-كېلىش ۋە كونكرېت ئىشلاردا ھەمكارلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش ئىدىيەسى يەنىلا ئاساسىي تېما. جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنى مېخانىزمى ئارىدىن ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئاسانغا توختىمىدى. ھازىرقىدەك دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى تەس بولۇۋاتقان، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان پەيتتە، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي ئاسىيا شۇنداقلا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر