باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

پارتىيەنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى ۋە ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2015.10.30 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى> ۋە <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى>نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»(تۆۋەندە «مىزان» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»(تۆۋەندە «نىزام» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى تارقاتتى. «مىزان» ۋە «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شارائىتىدا، پارتىيەنى نىزام بويىچە باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدىكى نەتىجىلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  بىرىنچى، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش كېرەك. پارتىيەمىز ئىنقىلابىي غايە ۋە پولاتتەك ئىنتىزام ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ماركسىزملىق پارتىيە، تەشكىلى مۇستەھكەم، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، كۈچ مەنبەسى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، بۇنىڭ يادروسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. ھازىر پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، تەشكىلى چېچىلاڭغۇلىشىش، ئىنتىزامى بوشىشىشتەك كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈپ تۈزەش تەدبىرى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا، گو بوشيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك ئاچچىق ساۋىقىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى؛ مەركەزنىڭ «سەككىز بەلگىلىمە»سىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئىنتىزام بويىچە ئىجرا قىلىپ، قىلچە يۈز - خاتىر قىلماي، ھەقىقىي تۇتۇشقا جۈرئەت قىلدى؛ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، رەزىل قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن دۆلەت قانۇنىنى ئۈنۈملۈك ماشلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى؛ كۆزىتىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلار مەلۇم قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سالتاڭ ئەمەلدار بولۇش، ئارخىپتا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا كەڭچىلىك قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. مول ئەمەلىيەت پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مىزان» ۋە «نىزام»دا پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدىكى نەتىجىلەر ئەخلاق ۋە ئىنتىزام تەلىپىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام قۇرۇلۇشىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش بىلەن پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. «مىزان»دا پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلى تەكىتلەندى، پاك - تەلەپچان بولۇش، ئىجابىي تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىش، مۇھىم ئاز سانلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلىپى چىڭىتىلدى، تەلەپچان بولۇش تەكىتلىنىپ، مۇھىم نۇقتا ئەخلاققا قارىتىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا كۆرگىلى، يەتكىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاق ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەگە چىقىرىلغان ئەخلاق قەسىمى ۋە خەلققە بېرىلگەن كەسكىن ۋەدە. «نىزام»دا ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىش، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزام چىڭىتىلدى، پارتىيە ئىنتىزامىدىكى جازا ئۆلچىمى بويىچە جازالىنىدىغان ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تەلەپچان بولۇش تەكىتلىنىپ، مۇھىم نۇقتا نىزام تۈزۈشكە قويۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى چېقىلىشقا بولمايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەك بېكىتىلدى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلىرى)لار «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىش ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيەدە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ نوپۇزى ۋە سۈرىنى ھەقىقىي تىكلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، «مىزان» ۋە «نىزام» نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك.

  «مىزان» ۋە «نىزام» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پۈتكۈل پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، يېتەكلەيدىغان، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك ئىچكى قائىدە - تۈزۈم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئۆگىنىش، تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا، پارتىيە دەرسىگە، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىر مەزگىل مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى، كادىرلار ئىنستىتۇتلىرى «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئۆگىنىشنى بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پىلانلىق تەربىيەلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى «مىزان» ۋە «نىزام»نى ماددىمۇ ماددا ئۆگىنىپ، پىششىق ئىگىلەپ، پاك - تەلەپچان بولۇش تەلىپى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار «مىزان» ۋە «نىزام»نى تەشۋىق قىلىشنى ھازىرقى ئىدىيە - تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى تەشەببۇس قىلىش ۋە سەلبىي مىساللار ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. نەزەرىيە ماقالىسى يېزىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىش، مەخسۇس سەھىپە ئېچىش، ئۆگىنىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  «مىزان» ۋە «نىزام» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشقا كۈچەپ، ئېغىزدىلا تەكىتلەش، قەغەزگە يېزىپ قويۇش، تامغا ئېسىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە بولمايدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. «مىزان»، «نىزام»دا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش تەلىپى ۋە ئىنتىزام تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. «مىزان»، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئارقىلىق ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئىچىدە سىياسىي ئىنتىزام بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى قايسى جەھەتتىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىدۇ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى مەڭگۈ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، باشقا ئىنتىزاملارنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىلگىرى ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىماسلىق مەسىلىسى ساقلانغان بولۇپ، پۇقرالار خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان قانۇن تۆۋەن چېكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامىنىڭ تۆۋەن چېكى قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا قويۇلغان تەلەپ بوشاشتۇرۇلغان. «مىزان» ۋە «نىزام»دا دۆلەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىسى بىلەن تەكرارلانغان مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلىپ، ئىنتىزام ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسىلا جازالاش، بالدۇر، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت يۇقىرى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنىڭ ئاخىرقى چېكىدىن قەتئىي ھالقىپ كەتمەسلىك تەكىتلەنگەن.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت(گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «مىزان» ۋە «نىزام»نى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاك - تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنتىزامنىڭ سۈرى ۋە نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدىشى كېرەك. زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ياخشىچاق بولماي، باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ئەستايىدىل بولۇپ، مەسىلىلەرنى تېگى - تەكتىگىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەنقىدلەش، تەربىيە بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئىنتىزام جازاسى بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، قائىدىگە رىئايە قىلىپ، ئېھتىيات قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى، پاك - تەلەپچان بولۇشتا يۇقىرى ئۆلچەمنى قوغلىشىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭ ساقلاشتا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىزىل سىزىقىدىن يىراق تۇرۇشى، پۈتكۈل پارتىيەدە تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان، تۈزۈمنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىياتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت(گۇرۇپپا)لىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىك ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خالىغانچە ئۆزگەرتىش، قەستەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، تۈزۈمنى كۆزگە ئىلماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر