- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى
جۇڭگو- ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش يېڭى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2015.09.23 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا رايون ئىشلىرىدا ئەمەلىي ھەمكارلىشىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، دۇنيا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشى، جۇڭگو ئالاقە تورى سىياسىتى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەردى.
شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، دۇنيا ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا سورالغان سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى دۇنيا ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق پايدىلىنىدۇ، ھېچقانداق دۆلەت ئۆز ئالدىغا كونتىرول قىلىۋالمايدۇ. جۇڭگونىڭ بۇنداق ئويى يوق ھەم ئۇنداق قىلمايدۇ. جۇڭگو ھازىر يولغا قويۇۋاتقان جەلقئارا سىستېمىنىڭ ئىشتىراكىچىسى، قۇرغۇچىسى ۋە تۆھپە قۇشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ب د ت نى مەركەز ، ب د ت نىزامنامىسى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستمېنى ھىمايە قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر