- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى
2015.09.18 17:18 مەنبە: خەلق تورى
سىرتقا ئېچىۋېتىش−دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. ھازىر، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلماقتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتى يەنىمۇ روشەن بولماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، ئىتقىسادىي قۇرۇلما چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، تۈرلۈك ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە كىرمەكتە. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادنىڭ ئىلغار لايىھەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە ۋە مىخانىزمدىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىچكى ۋە تاشقى ئېچىۋېتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشنى يەنىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق ئىتقىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقئارا رىقابەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد كۈچلۈك دۆلىتى بەرپە قىلىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر