باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ «2015 - يىللىق بېيجىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.09.17 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى. «2015 - يىللىق بېيجىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى» 16 - سېنتەبىر ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى ئىنسانىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش −− ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتتىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، بۇ نۆۋەتلىك «بېيجىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى»دە «تىنچلىق ۋە تەرەققىيات: فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتى» باش تېما قىلىندى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئادەمنىڭ قىممىتى، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق، كىشىلىك ئىززەت - غۇرۇرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچ تەرەققىيات مۇھىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر