- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈلگىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:
ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تېخىمۇ يارىتىش كېرەك
2015.09.10 17:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 8-سېنتەبىر يەنى 31-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭدا مەملىكىتىمىزدىكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈلگىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەرنى تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇ تاغلىق رايون بالىلىرى سېيرىلما ئارقان ئارقىلىق مەكتەپكە بېرىش، چەت-يىراق رايونلاردا مۇقىم ئوقۇتۇش سورۇنلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى، مىيىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مۇنبىرىنى چىڭ ساقلىغانلىقى، شەھەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شىزاڭدىن كەلگەن ۋەكىل زۇڭلىغا خادا سوۋغا قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مائارىپقا مىللەتنىڭ ئارزۇسى ۋە كەلگۈسى يۈكلەنگەن، ئوقۇتقۇچى دۆلەت سارىيىنىڭ ئۇل تېشى. مەملىكىتىمىزدىكى 15 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى قوللىماقتا، ئۇلار ئەڭ قىممەتلىك ئىجتىمائىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى تەرەققىياتلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا پەننىي بىلىملەرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بولغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە خالىس تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر