- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تارقاتتى
ھەر قانداق ئاز سانلىق مىللەت، ھەر قانداق رايون سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ
2015.08.18 11:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تارقىتىپ(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار»دەپ ئېلىندى)، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
«قارار» مۇنداق دەپ كۆرسىىتىلدى: يېڭى مەزگىلدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، قۇرۇلما، سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئادەتتىكى ۋە ئالاھىدە سىياسەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئىككى يىل، ئۈچ يىل ئاۋۋال يەسلىگە كىرىش مۆلچەرى نىسبىتىنى %80،%70 كە يەتكۈزۈش. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %95 كە يەتكۈزۈپ، ئوقۇشتىن توختاپ قىلىش ئەھۋالىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدە باراۋەر تەرەققىياتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نىسبىتى ئاساسەن تەڭلەشتۈرۈش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ھەقسىز ئوقۇتۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پەن، كەسپ قۇرۇلمىسىنى ئاساسەن مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي تىپلىق، ئۇنىۋېرسال تىپلىق، تېخنىكا ماھارەت تىپلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق مائارىپى ئاساسىي ئاجىز رايونلاردا مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى ئوقۇتۇش ئاساسلىق ئىككى يىللىق قوش تىل ئوقۇتۇشى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا قوش تىل ئوقۇتۇشى ئومۇملاشتۇرۇش؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرى ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش ۋاقتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش ياكى يەتكۈزۈش، ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكىلەر تەربىيەلىنىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىشكە يىلدا قاتنىشىش نىسبىتى %50 كە يەتكۈزۈش. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر