باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پولاتتەك ئىرادە، قاتتىق ۋاسىتە ۋە پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.08.17 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 16 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بىخەتەرلىك ئېڭى، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، پۇختا ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى.

  يىغىندا ئاۋۋال باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويغانلىقى مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئېڭى ۋە «بىخەتەرلىك تەرەققىياتنىڭ جېنى» دېگەن ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تەرەققىيات كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك» دېگەن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقنى قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىپ، ھاياتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، سەگەك تۇرۇش سىگنالىنى دائىم چېلىپ، دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پولاتتەك ئىرادە، قاتتىق ۋاسىتە ۋە پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، «يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، قاتتىق تۈزەش، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش»نى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى دائىم تەكشۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالتىگە زەربە بېرىش، ئالتىنى تۈزەش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيىتىگە زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمە، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلاتلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە ئاسان يانىدىغان ۋە پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، بارلىق كەسىپ، ساھە، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئورۇنلىرى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدىغان ئاجىز ھالقا ۋە خەتەرلىك ئامىللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوچۇقلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق روھى بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر نۇقتا، ھەر بىر يوشۇرۇن خەۋپنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، مەسىلە بار كارخانىلارغا قارىتا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا توغرا كەلسە توختىتىپ، تاقاشقا توغرا كەلسە تاقاپ، قىلچە يۈز - خاتىرە قىلماسلىق، قەتئىي باغرى يۇمشاقلىق قىلماسلىق كېرەك؛ ئۈچىنچى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقتۇرۇش قىلماسلىق، ئالدىن خەۋەر قىلماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ھەمراھ قىلماسلىق ۋە كۈتۈۋالماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، تەلەپنى بوشاشتۇرماسلىق، تولۇق تەكشۈرۈش، شەكىلۋازلىق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىمىيە سانائەت كەسپى، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە چوڭ تىپتىكى ماي ئىسكىلاتى، كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ھادىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ھالقىلىرىدا كۆرۈلگەنلىكىدىن بولىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇشتا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرىدۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. كارخانىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتى، ئۇلار چوقۇم سۇبيېكت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تارماقلار بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ساھەلەرنى، كەسىپلەرنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتنى باشقۇرۇشتا چوقۇم بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە سىزىقىنى چىڭىتىش كېرەك. قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى پۇرسەت بىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر، ئىناق ۋە مۇقىم ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۇەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن قاتارلىقلار، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ج خ ، قاتناش، تۇرالغۇ، سودا، كۆمۈر كان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساياھەت، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى، تۆمۈر يول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، ئۆت ئۆچۈرۈش، ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر