باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: ئىدىيە بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىدى

2015.06.09 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجۇ، 8- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەلەپچان بولۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيە تونۇشنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ليۇ يۈنشەن 6- ئىيۇندىن 8- ئىيۇنغىچە جاڭجۇ، فۇجۇ، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونىغا بېرىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيىتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.جاڭجۇ شەھىرى دۇڭشەن ناھىيەسى چيەنخې كەنتى، فۇجۇ شەھىرى فۇلۇ رايونى چىڭچېڭ مەھەللىسىدە ليۇ يۈنشەن دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ۋە خەلققە قۇلايلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىياتنى ماختىدى، ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيىتىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئاساستا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تەلەپچان» بولۇش روھى بىلەن «راستچىل بولۇش» ئىستىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر