باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەمەلىي ئىش قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يېڭى تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك

2015.05.28 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 25-مايدىن 27-مايغىچە جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ 25-ماي چۈشتىن كېيىن جۇشەننىڭ دىڭخەي چۈگەن بازىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەھەللىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شې خۇەنچى فوتوسى)

  ئاستىدىكى سۈرەتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 25-مايدىن 27-مايغىچە جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ 26-ماي چۈشتىن كېيىن خاڭجۇ «خەيكاڭ ۋېيشى» رەقەملىك تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە تېخنىك خادىملارنى كۆپرەك نەتىجە ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىي ئىش قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يېڭى تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىپ، تىرىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاش ۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شا باۋلۇڭ، ئۆلكە باشلىقى لى چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا 25-مايدىن 27-مايغىچە، جۇشەن شەھىرى بىلەن خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ، كارخانا، مەھەللە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپاس ساقلاش بازىسى قاتارلىقلارنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، «13-بەش يىل»لىق پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر