- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى
2015.05.15 15:34 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-ماي تېلېگراممىسى. لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» تارقاتتى، ئالدىنقى مەزگىللىك تارماقلارنىڭ مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى ئازايتىش ئاساسىدا، يەنە 49 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 84 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ھۆكۈمەت ئىچكى قىسمىدا تەستىقلاش تۈرلىرىگە تەڭشەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن «مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»تىن ئىبارەت تەستىقلاش تۈرى بولمايدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋۇجۇتقا كېلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىدا 453 مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى بار ئىدى. 2013- يىلى ۋە 2014- يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە يەتتە قېتىملىق رەتكە سېلىش ئارقىلىق، 209 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2014- يلى 4- ئايدا گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى رەتلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، بىر يىلغىچە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ھازىرقى مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سېلىشنى قارار قىلدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا قىپقالغان 244 مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىنى رەتكە سېلىش پىكرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى رەتكە سېلىش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى. « مەمۇرىي ئىجازەتكە تەۋە بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» ئوقۇمى تارىخىي سەھنىدىن چېكىندۈرۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر