- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچاڭ زۇڭلى ئېقىم مىقدارى «چوڭ قىزىل بولىقى»نى سوۋغا قىلدى
تورداشلار «زۇڭلى دەردىمىزگە يەتتى!» دېيىشتى
2015.05.15 15:33 مەنبە: خەلق تورى
«تورغا چىقىش ئىقىم مىقدارىنى نۆللەشتۈرمەسلىك»، «ئېقىم مىقدارىنى تەقدىم قىلىش». بۇ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە، بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تورداشلار بەستە- بەستە كۆچۈرۈپ تارقاتتى ۋە قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلدى، تورداشلار تەقەززامىز دېيىشتى، تورداشلار «بەك تەسىرلەندۇق، زۇڭلى ھەقىقەتەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپتۇ» دەپ ماختىدى. بىر ئاي ئىلگىرى لى كېچياڭ زۇڭلى 1-پەسىللىك ئىقتىساد ۋەزىيىتى سۆھبەت يىغىنىدا «تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش»كە دەۋەت قىلغانلىقى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى، يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا «يۇقىرى سۈرئەتلىك كەلباغلىق تور بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلغانلىقى» تورداشلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالقىشىغا ئېرىشتى. تورداش «ۋاڭ شياۋشياۋ»: «ئۈمىد تۇغۇلدى»، دېدى. بەزى تورداشلار ھەتتا يۇمۇرلۇق قىلىپ: «زۇڭلى دەردىمگە يەتتى»، دېدى. بەزى تورداشلار تېخى: «زۇڭلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى» دېيىشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر