باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: ئىستودېنتلار پاتنېتقا ئېرىشىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسە ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىسا بولىدۇ

2015.05.15 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ)دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر مۇۋاپىق بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش نومۇرى بېكىتىشى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش نومۇرىنى جەملەش ۋە ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسى ئىشلەش، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش، پاتنېتقا ئېرىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېما تەتقىقاتى، تۈر تەجرىبىسىگە قاتنىشىشى قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى دەرسخانا ئۆگىنىشى دەپ قارىشى كېرەك.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆزى خالايدىغان، قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارخىپى ۋە نەتىجە خاتىرىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ بارغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ خاتىرىلەش ۋە مىقدارلاشتۇرۇپ باھا بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرگە يۆتكىلىپ ئوقۇشىنى ئالدىن قوللاش كېرەك. جانلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىل چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىپ، ئوقۇش يىلىنى تەڭشىشى، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ ئوقۇشتىن چېكىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىشى ۋە ھازىر بار بولغان ئالاقىدار ئەلاچىلارنى باھالاش تۈرى ئىچىدىن بەلگىلىك نىسبەتنى ئاجرىتىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەشكە ئىشلىتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر