- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «پىكىر»نى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
2015.05.14 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
«پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: 2015-يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئسىلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. 2017- يىلى مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىلمىي، ئىلغار، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان، جۇڭگوچە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىدىيەسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تەقلىد قىلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۈزۈم نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.2020- يىلىغا بارغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش ياردەم بېرىش، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.«پىكىر»دە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپەت ئۆلچىمى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مىخانېزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ دەرسلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى 9 تۈرلۈك ۋەزىپە نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر