باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش كېرەك

2015.05.13 16:18   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 12-ماي ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ما كەي، دۆلەت كومىسسارى چاڭ ۋەنچۈەن، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ تۇنجى بېجىرگەن ئىش مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش بولدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە كۈچلۈك مەدەت بەردى. لېكىن ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خەلقنىڭ كۈتكەن ئارزۇسىدا يەنىلا نىسبەتەن چوڭ پەرق بار، قىسمەن تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشمەسلىك، يۈرۈشلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتەك ئۈچ خىزمەتنى تەڭ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەلەرنى تولۇق ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان ئادىل پۇرسەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى ۋە تەرەققىيات مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…