باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭلىسى كوبىياكوۋ بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.12 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ماي مىنسكتا بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭلىسى كوبىياكوۋ بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شې خۇەنچى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ماي مىنسكتا بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭلىسى كوبىياكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتى ۋە كېڭەيدى. تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە سەمىمىي، چوڭقۇر، مول مەزمۇنلۇق سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. بىز قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، كونكرېت ئىشلار بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە يەرلىك ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى بولۇپمۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ سانائەت رايونى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر