باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيەنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.12 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەرگە خاتىرە مېدالى بەرمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۇ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ماي بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە مىنسكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى تارىخىي مۇزېيىدا بېلارۇسىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان 15 پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  15 پېشقەدەم جەڭچىلەر ئىچىدە ياشقا ئەڭ چوڭى 95 ياش، ئەڭ كىچىكى 88 ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 11ى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.

  شى جىنپىڭ بىلەن لۇكاشېنكو يىغىن زالىغا كىرگەندە، بارلىق پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. نەق مەيداندا جۇڭگو، بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇندالدى. شى جىنپىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغا خاتىرە مېدال تارقىتىپ بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر