باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك

2015.05.12 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شې خۈەنچى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى مۇنبىرى 11-ماي مىنسكىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، سىچۈەن، گەنسۇدىن ئىبارەت سەككىز ئۆلكە، شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بېلارۇسىيەنىڭ مىنسكى شەھىرى، مىنسكى ئوبلاستى، برېستسكايا ئوبلاستى قاتارلىق يەتتە ئوبلاست، شەھەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېز بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى مۈشكۈل بولىۋاتقان ئەھۋالدا، مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، بۇ جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بېلارۇسىيە ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشتا ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو، بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر