باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «كەسپىي مائارىپ ھەرىكىتى ھەپتىلىكى» پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقىرى ساپالىق زور ئەمگەك قوشۇنى تەربىيەلەپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
ليۇ يەندۇڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2015.05.11 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك «كەسپىي مائارىپ ھەرىكىتى ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە باشلىنىش مۇراسىمى 10-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى زامان كەسپىي مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش - ئېلىمىزنىڭ زور ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر. «كەسپىي مائارىپ ھەرىكىتى ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتىش - پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك، ماھارەت قىممەتلىك، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ دېگەن زامانىۋى ئېقىمنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئارتۇقچىلىقنى قەدىرلەش، دىپلومغىلا ئەمەس قابىلىيەتكە تايىنىش»تەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق زور ئەمگەكچىلەر قوشۇنى تەربىيەلەپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەتلىشىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر