باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.05.11 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدە 9- ماي ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پۇتىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن قىزىل مەيدانغا ھەربي پاراتنى كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 9- ماي، رۇسىيە كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە 20 دۆلەت ، رايون ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، رۇسىيە خەلقى بىلەن بىللە بۇ شانلىق كۈننى تەبرىكلىدى. ماي ئېيىدا موسكۋادىكى ئەتراپ يېشىللىق پۈرگۈنگەن بايراقلار قادالغان قەدىمىي قىزىل مەيدان ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن كىرېمىلغا كېلىپ، ئۇ يەردە قارشى ئېلىپ تۇرغان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى بىلەن پۇتىننىڭ ھەمراھلىقىدا، خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كەلگەن باشقا ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈش سەھنىسىگە چىقىپ ئورۇنلاشتى.

  سائەت 10 دا كىرېمىل سائىتىنىڭ داڭ ئۇرۇشى بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى باشلاندى. ھەربىي ئوركىستېر «ئۇلۇغ ئۇرۇش» دېگەن مۇزىكىغا چالدى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رۇسىيە بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىرىپ كەلدى.

  پۇتىن زۇڭتۇڭ تەبرىك سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىىنىڭ مۇساپىسىنى بەلگىلەپ، ياۋروپا خەلقىنى گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇردى. بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ خاتىرە كۈندە بىز قارا كۈچلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەك قىلغان ئەجدادلارنى ياد ئېتىمىز. جۇڭگو ئاسىيادا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى بەدەل قىلدى. تارىخ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۈگۈنكى كۈننى خاتىرىلىشىمىزدە باراۋەر، بىخەتەر، غەيرى ئىتتىپاق ئاساسىدا تىنچ، ئاسايىشلىق كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئورتاق مەقسەت قىلىنغان.

  رۇسىيەدە 9- ماي ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مۇراسىمىدىن ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەر- خوتۇنلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر