باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.05.08 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتىى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن نەرەربايېۋنىڭ يەنە بىر قېتىم قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى غەلىبىلىك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، قازاقىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، مەدەنىيەت-مەدەنىيلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013-يىلى 9-ئايدا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش جەھەتتە دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بىز باراۋەر، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئارا ئۇلاش-تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئېنېرگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت-مەدەنىيلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ 2017-يىلى مەخسۇس تۈر بويىچە دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ئۇيۇشتۇرغان قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر